Uyghur←Chinese主要词典
شۇنبېرگ
ئىستېتىكا
شۇنبېرگ (ئاۋسترىيىلىك)
勋伯格(Schoenberg,1874—1951,奥地利人)
xūn bó gé (Schoenberg,1874—1951,ào dì lì rén )
دۇنيا تارىخى
勋柏格
xūn bǎi gé
(1874 - 1951) ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. يەھۇدىي. كىچىكىدىن باشلاپلا ئىسكىرىپكا بىلەن باش ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. 16 يېشىد دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بانكا خىزمەتچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى چاغدا مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1901 - يىلى بېرلىنغا بېرىپ سىدون مۇزىكا شۆيۈەنىدە مۇئەللىمى بولغان. 1910 - يىلى ۋېنا مۇزىكا شۆيۈەنىگە گارمونىيە مۇئەللىمى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1915 - 1917 - يىللىرى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1925 - يىلى بېرلىن - پرۇسسىيە مۇزىكا - سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1933 - يىلى فاشىستلارنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1936 - يىلى كالفورنىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1941 - يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 12 ئاھاڭ سىستېمىسىنى يېزىش ئۇسۇلىغا ئاساس سالغۇچى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <پاك كېچە>، <پرىياس بىلەن مىلساند>، <ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئىسكىرىپكىدا ئورۇنلانغان مۇزىكا>، <ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇندالغان مۇزىكا> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا <گارمونىيە نەزەرىيىسى>، <گارمونىيەنىڭ تۈزۈلۈش ئىقتىدارى> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان، ئۇ غەرب مۇدىرنىزم مۇزىكىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ياۋرۇپا ۋەئامېرىكىدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە.