Chinese→Uyghur主要词典
水杨梅
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سۇ بۆلجۈرگىنى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۇ بۆلجۈرگىنىگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ، تۈكلۈك بولىدۇ؛ ئوق يىلتىزى تۈگىنەك بولۇپ، نۇرغۇن چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ،
غولى تىك ئۆسىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە، رەتسىز يېرىقچىلىرى بولىدۇ،
غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئۈچكە يېرىلغان بولۇپ، گىرۋەكلىرى چىشلىق بولىدۇ؛ گۈلى يەككە بولۇپ، غولىنىڭ
ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق؛ ئۇرۇق مېۋىسى شارسىمان بولۇپ، قاتتىق تۈكچىلەر ۋە ئۇزۇن ئىلمەك تىكەنلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، پاكىز تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ توغراپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئېتىكى، ئورمان
ياقىسى، ئېرىق بويلىرى ۋە چۆپلۈك قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
يېڭى سۇ بۆلجۈرگىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تولغاق، رېماتىزم خاراكتېرلىك بەل، پۇت ئاغرىش،
يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش ۋە سەينەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇ بۆلجۈرگىنىدىن 35 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 15 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت
گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بويۇنغا غەلۋىرەك چىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇ بۆلجۈرگىنىدىن 35 گرام ئېلىپ، رەيھان شەربىتىگە يەتتە كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 مىللىلىتىردىن ئىچىپ
بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
路边青(水杨梅)
shuǐ yáng méi
سۇ بۆلجۈرگىنى
Dئورمانچىلىق
shuǐ yáng méi
سۇ بۆلدۈرگىنى، ئالېپ بۆلدۈرگىنىDئۆسۈملۈك
shuǐ yáng méi
ئېگىز تاغ سۇ بۆلجۈرگىنى، سۇ بۆلجۈرگىنى