Uyghur主要词典
شۈمشۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تويمايدىغان، نەپسىنى يىغمايدىغان.
«شۈمشۈك» ، «ئاشۇرىغى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. ئاچكۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويماس. بىرى ئاچپاقىلىقتىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچتىن ئۆلىدۇ. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. باي تولا يېسە خوردان دەر، نامرات تولا يېسە ئوپقان دەر. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. نەپسى يامان ھەممىدىن قۇرۇق قالار. نەپسى بالا ئاغزى كۆيمىسە، كۆمۈر چوغىنى يەۋېتىشتىن يانمايدۇ. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئاچ بەچچىغەردىن قاچ بەچچىغەر. ئاچنىڭ ئاچچىقى يامان. ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيىماس.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
گېلىگە ئامراق، ئاچكۆز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. تاتلىق - تۇرۇم ياكى يېمەكلىكلەرنى ئوغرىلىقچە يەۋەلىدىغان؛ گېلىغا ئامراق، ئاچ كۆز.