Uyghur主要词典
شۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بىر خىل كېسەللىك. بىخۇدلۇق كېسىلى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
جىم، تىنچ.
شۈك تۇر. * خەپ شۈك. * سەنمۇ شۈك مەنمۇ شۈك، ئارىدا قارا مۈشۈك (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈن چىقارماسلىق، سۈكۈت.
پىچىقى كەسمەسنىڭ ئاغزى جىم تۇرماس. سەن شۈك، مەن شۈك، ئوتتۇرىدا قارا مۈشۈك. گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك، ئىش دېسە خەپشۈك. تەك تۇر _ جىم تۇر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شۈك.
تىنجىتىش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان سۆز. تۈركلەر «جىم تۇر» دېگەننى « شۈك تۇر» دەيدۇ.
1 - 437
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قەتئىي، پەقەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
جىم، تىنچ، ئۈن - تىن چىقارماي ھەم ھەرىكەت قىلماق؛ غەلۋە - غودۇر قىلماي.
شۈك ئولتۇرماق.
ئۇ تولىمۇ كەپسىز بولۇپ بىردەممۇ شۈك تۇرمايتتى.
بۇيرۇق سۈپىتىدە <جىم تۇر، تىنچلان> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
- شۈك دېدىم شۈك! - دېدى نۇرمەت ئەكرەمنىڭ ئاغزىنى توسۇپ