Chinese→Uyghur主要词典
双眼视差
پسىخولوگىيە
ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقى
بۇ ئىككى كۆزنىڭ ئارىلىققا ھۆكۈم قىلىش ئىدرىكىغا تەسىر قىلىدىغان شەرتلەرنىڭ بىرى. يەنى ئۆرە (تىك) جىسىم ياكى ئىلگىرى - ئاخىر جايلاشقان جىسىملارنىڭ يىراق - يېقىنلىق تەسىرى ئىككى كۆز نۇر پەردىسىنىڭ بىماس ئورنىغا چۈشۈپ، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدە پەرق پەيدا قىلىدۇ. مۇنداق ھادىسە ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقى دەپ ئاتىلىدۇ. چوڭقۇرلۇقنى ئىدراك قىلىش ئاساسەن ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقىنىڭ چوڭقۇرلۇقنى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى ئوبيېكتنىڭ ئارىلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: كۆزەتكۈچى بىر مېتىر يىراقلىقتىكى ئىككى جىسىمغا قاراشتا، ئۇنىڭ ئارىلىق پەرقى 0.37 مىللىمېتردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. بولمىسا يىراق - يېقىنلىق پەرقىنى بايقىيالمايدۇ. كۆزىتىلىدىغان جىسىم ئارىلىقى 10 مېتر بولغاندا، ئارىلىق پەرقى 3.8 سانتىمېتردىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك؛ 100 مېتر بولغاندا، 4.15 مېتردىن كىچىك بولماسلىقى، 1000 مېتر بولغاندا، 274 مېتردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. 1300 مېتردىن ئارتىپ كەتكەندە، كۆزەتكۈچىنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ كۆرۈش پەرقى ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ. بۇ چاغدا جىسىمنىڭ نىسبىي ئارىلىقىنى باشقا شەرتلەرگە تايىنىپ مۆلچەرلەش كېرەك.
ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقى ئۆرە تۇرغان جىسىمنى ۋە ئىلگىرى - كېيىن (بىرى ئالدىدا، بىرى كەينىدە) تۇرغان ئىككى جىسىمنىڭ ئارىلىقىنى ئىدراك قىلىشتا مۇھىم سىگنال ھېسابلىنىدۇ. كۆزنى تەڭشەش، كۆرۈش ئوقىنى ماسلاشتۇرۇش شەرتلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانغانغا قارىغاندا، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقىنىڭ تاردىمى بىلەن نىسبىي ئارىلىقنى ئىدراك قىلىش ئېنىقراق بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوبيېكت ئارىلىقىنى مۆلچەرلەشتە باشقا تەدبىر بولمىغاندا ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەرقى ناھايىتى مۇھىم.