Chinese→Uyghur主要词典
双受精
بىئولوگىيە
قوش ئۇرۇقلىنىش
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئالاھىدە بولىدىغان ئۇرۇقلىنىش ھادىسىسى. ئۇ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئۇرۇقلىنىشى بىلەن مەركىزىي ھۈجەيرە (قۇتۇپ يادرو) نىڭ ئۇرۇقلىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۈل چېڭى نەيچىسى تۆرەلمە تۈگۈنىگە كىرگەندىن كېيىن بىردانە ياردەمچى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە بىرجۈپ سپېرما قويۇپ بېرىدۇ. سپېرمىلار تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن مەركىزىي ھۈجەيرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئورۇنغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە كىرىپ، سپېرما يادروسى بىلەن تۇخۇم يادروسى قوشۇلۇپ زىگوتا ھاسىل قىلىدۇ، كېيىن زىگوتا يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ؛ يەنە بىر سپېرما قۇتۇپ يادروسى بىلەن بىرىكىپ (ئۈچ يادرولۇق بىرىكىش دەپ ئاتىلىدۇ)، دەسلەپكى تۆرەلمە سۈت يادروسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمە سۈتىگە ئايلىنىدۇ. ۇبۇ جەريان ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوش ئۇرۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. قوش ئۇرۇقلىنىشتىن ھاسىل بولغان تۆرەلمە سۈت (تۆرەلمىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان توقۇلما) ئىككى ئەجدادنىڭ ئىرسىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادنى تېخىمۇ كۈچلۈك ياشاش كۈچى ۋە ماسلىشىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە سۈتى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغانلىقتىن، يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش ئۇرۇقلىنىشتىن بۇرۇن ئانىلىق گامېتوفىتقا زور مىقداردا ئوزۇقلۇق يىغىپ ئۇرۇقلىنىش بولمىغاندا كېلىپ چىقىدىغان ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا قوش ئۇرۇقلىنىش يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.
ئۇنىۋېرسال
shuāng shòu jīng
قوش چاڭلىشىش
Dدېھقانچىلىق
shuāng shòu jīng
قوش ئۇرۇقلىنىشDئۆسۈملۈك
shuāng shòu jīng
قۇش ئۇرۇقلىنىش