Chinese→Uyghur主要词典
双翅目
بىئولوگىيە
قوش قاناتلىقلار ئەترىتى
دىپتېرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلار سىنىپىدىكى چوڭ ئەترەتلەرنىڭ بىرى. پاشا، كۆكۈيۈن، چىۋىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدىنى كىچىك ياكى ئوتتۇرا تىپلىق، باش قىسمى ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، بېشىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇرەككەپ كۆزى ئىگىلىگەن. ئېغىز ئاپپاراتى سانجىپ شوراش ياكى يالاپ شوراشقا ماسلاشقان. پەقەت بىر جۈپلا تەرەققىي قىلغان ھەم پەردىلەشكەن ئالدىنقى قانىتىلا بولىدۇ. كېيىنكى قانىتى ئالاھىدىلىشىپ تەڭشەش تاياقچىسىغا ئۆزگەرگەن. تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ئەترەتتىكى ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ئادىتى مۇرەككەپرەك بولۇپ، لىچىنكىسى بىلەن يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە ھايات كەچۈرۈش ئورۇنلىرى كۆپىنچە ئوخشاشمايدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىنىڭ لىچىنكىلىرى سۇدا ياشايدۇ. لىچىنكىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۆسۈملۈكخورلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۇسۇلى، مېۋىلەرنى تېشىپ يېيىش، يوپۇرماققا يوشۇرۇنۇش ھەم ھۈررەكلەرنى ھاسىل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، سترۇس (citrus) چوڭ چىۋىنى، يوپۇرماق پۈرلەشتۈرگۈچى چىۋىن قاتارلىقلار؛ چىرىندىخورلىرى ھەم گەندە يەيدىغانلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆي چىۋىنى قاتارلىقلار؛ كۆك پىتخور چىۋىن ۋە كۆپ پىتخور كۆكۈيۈن قاتارلىقلار بولسا گۆشخور بولۇپ، كىچىك ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ؛ يەنە بىر قىسمى پارازىتلىنىپ باشقا ھاشارات ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئىچى - سىرتىدا پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ، مەسىلەن، ئاشقازان چىۋىنى، پىت چىۋىنى، ئۇلارنىڭ يېتىلگەن قۇرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىرنىلىرى ۋە گۈل شىرنىسى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شوراپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ، مەسىلەن، بەزى پاشىلار بەزگەك، مېڭە ياللۇغى، دىكتىئوكائۇلۇز كېسىلى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ ئادەم، ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان ئاساسلىق سالامەتلىككە زىيانكەش ھاشاراتلار ھېسابلىنىدۇ.
دېھقانچىلىق
shuāng chì mù
قوش قاناتلىقلار ئەترىتىDئۇنىۋېرسال
shuāng chì mù
قوش قاناتلىقلار ئەترىتى