Uyghur主要词典
شۇ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
« چۇ _ چۇ» مەنىسىدە قوللىنىلىدىغان ياردەمچى سۆز. بارغىل شۇ _ بارغىنچۇ، چوقۇم بارغىن. كەل شۇ _ كەلچۇ، چوقۇم كەلگىن.
3 - 291
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
سۆزلىگۈچىگە يېقىن جايدىكى ياكى سۆزلىگۈچىنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئادەم ياكى نەرسىنى كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
- ئەمەتنىڭ دادىسى شۇ بولسا كېرەك، - دېدى ئو ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىنى كۆزى بىلەن ئىشارە قىلىپ.
كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن ئىسىم ۋەزىپىسدە كېلىپ سۆزلىگۈچىنىڭ دىققەت - ئېتىبارى قارىتىلغان نەرسە ياكى ئادەمنى ئىپادىلەيدۇ.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئادەم ئۆز ئەمگىكى بىلەنلا قىممەتلىك.
كېسىم رولىدا كېلىپ <ئەنە ئاشۇنىڭ ئۆزى>، <دەل ئۆزى> دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
- ئاتام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ دېگەن شۇ! - دېدى پاتەمخان مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا.
ۋاقىت مەنىسىدىكى بەزى سۆزلەر بىلەن كېلىپ سۆز بولۇۋاتقان ۋەقە، ھادىسە ياكى نەرسىنىڭ ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ياكى كۆزدە تۇتۇلغان ۋەقە، ھادىسە ياكى نەرسە بىلەن بىر ۋاقىتتا سادىر بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
شۇ كەمگىچە ئۇ بىر قېتىممۇ كۆرۈنمىدى.