Uyghur主要词典
شىرمەننان
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، سۇ بىر كىلوگرام، نوقۇت 175 گرام، ئارپىبەدىيان مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كېپەك 2 - 5.1 كىلوگرام، يېتىلگەن پاگىر 500 گرام.
يېتىلگەن پاگىرنى خېمىرتۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، 500 گراملىقتىن قىلىپ زوۋۇلا ئۈزۈپ، ھەربىر زوۋۇلىنى گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراق قىلىپ نان ياساپ، ناننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ سېلىپ، گىرۋىكىگە پىچاق ياكى مەخسۇس چەككۈچ بىلەن گۈل چېكىپ تەييارلىنىدۇ.
2. قىزىغان تونۇرنىڭ ئوتىنى يىغىپ، داپخاننى ئېتىپ، تونۇرغا تۇز سېپىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان ناننى يېقىپ پىشۇ
رۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
شىرمەن + نان
ئىسىم
ناننىڭ بىر خىلى. ئادەتتىكى نانلاردىن يوغانراق بولۇپ ئۈستىگە گۈل چېكىلىدۇ. يۈزىگە جىگدە شىرنىسى سۈرۈلۈپ، تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ.
يېڭىلا تونۇردىن قومۇرۇلغان شىرمەننان، گىردە، كۈنجۈت، سىيادان سېپىلگەن توقاچلار دۆۋىلىنىپ تۇراتتى.