Uyghur主要词典
شېرىكلىك پۈتۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سودا - سېتىقتىكى شېرىكلىك پۈتۈمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا ئىسلام دىنىنىڭ سودا - سېتىق ئەھكامى ئاساس قىلىنىدۇ. پۈتۈم مەزمۇنى بويىچە تۆۋەندىكىلەرگە ئايرىلىدۇ: (1) چەكسىز شېرىكلىك. قول سانائەت كوپىراتىپىغا تەڭ كېلىدۇ. شېرىكلەشكەن ئادەملەر كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، ئولتۇرىدىغان ئۆينى ئۆزى ھەل قىلغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەممە مال - مۈلكى كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىققا مەنسۇپ بولىدۇ. ھەربىر ئەزا ئوخشاش پاي چېكى ھوقۇقىغا ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئورتاق ئەمگەك قىلىدۇ. دارامەتنى تەڭ تەقسىم قىلىۋالىدۇ. (2) چەكلىك شېرىكلىك. بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ تىجارەت قىلىشقا ئوخشىشىدۇ. شېرىكلەشكەنلەر مەبلەغنى پاي قىلىپ قوشىدۇ ياكى بىرلىكتە تىجارەت قىلىدۇ. پايدىنى پايغا قاراپ بۆلۈشۈۋالىدۇ. زىيان بولسا نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. (3) كرېدىت شېرىكچىلىكى. كوپىراتىپ تىجارىتىگە ئوخشايدۇ. شېرىكلەشكەنلەر ئورتاق كرېدىت بىلەن تىجارەت قىلىدۇ. پايدا بولسا تەڭ ئالىدۇ. زىيان بولسا تەڭ تارتىدۇ