Uyghur←Chinese主要词典
شپىتسبېرگېن تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
斯匹茨卑尔根群岛
sī pǐ cí bēi ěr gēn qún dǎo
شىمالىي مۇز ئوكيانغا جايلاشقان غەربىي شپىتىسبېرگېن، شەرقىي شىمال يەر ئارىلى، ئېۋى ئارىلى، بارېنتىس ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىن تەشكىل تاپقان. يەر مەيدانى 61 مىڭ 229 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى تەخمىنەن 4500 دىن ئاشىدۇ. مەركىزى لانگىر شەھىرى. سپىتسبېرگېن ئاراللىرى مەمۇرىي جەھەتتىن نورۋېگىيىگە قارايدۇ. بۇ ئاراللارغا نورۋېگىيىلىكلەر بىرىنچى قېتىم 1194 - يىلى كەلگەن. بۇ ئاراللارنىڭ ھاۋاسى يىل بويى سوغۇق بولۇپ، ھەممە جايلىرىنى مۇز - قار قاپلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا سوغۇق قىرغاق دەپ ئاتالغان. بۇ ئاراللاردا كۆمۈر، فوسفورلۇق مىنېرال، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.