Uyghur主要词典
شىپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا قىلىنىدىغان ۋاستە، كېسەلنى ساقيتىدىغان نەرسە.
ئۆلۈمدىن باشقىغا داۋا بار. دەردكە داۋا، رەنجىگە شىپا. ئاغرىقنى ئۆزۈڭ ياپساڭ، شىپاسىنى نەدىن ئالارسەن؟ دەردكە دەرمان بول. ئىلاجى يوق كېسەل يوق. ئەمگەك كېسەلگە ئەم.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
سۆز _ ھەركىتى نازاكەتلىك، تۇرمۇشى، ئىش _ پائالىيىتى رەتلىك، پۇختا ئادەم شىپا ئادەم دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كېسىلى ساقىيىش، كېسەلدىن خالاس بولۇش، ئوڭشىلىش.
شىپا تاپماق.
ئادەمنى كېسەل ياكى دەرد - ئەلەمدىن خالاس قىلىدىغان، ئارامبەخشلىك ھېس قىلدۇرىدىغان نەرسە ياكى شۇ ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاسىتە، چارە - تەدبىر، ئامال؛ داۋا، دورا.
شىپا بولماق.