Chinese→Uyghur主要词典
收复失地运动
دۇنيا تارىخى
قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتى
رىكوتچوستا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىسپانچىدىن كەلگەن بولۇپ، <قايتا بويسۇندۇرۇش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مىلادى ⅢⅩ - ⅤⅩ ئەسىرلەردە ئىسپانلار بىلەن پورتۇگاللارنىڭ ئەرەبلەرنى قوغلاپ چىقىرىش، قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۋېلىش كۈرىشى. 711 - يىلى، ئەرەبلەر شىمالىي ئافرىقىدىن جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئۆتۈپ، 714 - يىلى غەربىي گوتلار پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. 718 - يىلى، ئاستۇرىياس رايونىغا چېكىنگەن غەربىي گوتلار بىر قېتىملىق جەڭدە ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاستۇرىياس پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن، شىمالىي تاغلىق رايونلىرىدا يەنە ناۋاررا پادىشاھلىقى، لېئۇن پادىشاھلىقى، ئاراگون پادىشاھلىقى ۋە كاستىلىيە پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت پادىشاھلىقلار شەكىللەنگەن. بۇ پادىشاھلىقلاr بەزىدە بۆلۈنۈپ، بەزىدە بىرلەشكەن ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۋېلىش كۈرىشى ئېلىپ بارغان. ئاساسىي كۈچى دېھقانلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرى بولۇپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كورۇل بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدا بولغان. 1212 - يىلى تولوسا جېڭىدە كاستىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى ئالموھادېس خاندانلىقىنىڭ ئارمىيىسىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەن. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە يېرىم ئارالنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۋالغان. 1249 - 1251 - پورتۇگالىيە زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 1479 - يىلى كاستىلىيە بىلەن ئاراگون بىرلىشىپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1492 - يىلى ئىسپانىيە ئەرەبلەرنىڭ يېرىم ئارالدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازىسى گرانادانى ئىشغال قىلىپ، قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرغان.