Uyghur主要词典
شوتوراك
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅴ- Ⅶ ئەسىرلەردىكى بۇددىزىم ئىبادەتخانىسى خارابىلىقى. بۇ، ئاففانىستاننىڭ كابول شەھىرىنىڭ شىمالىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان باغرامنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىي باغرىغا جايلاشقان. 1937 - يىلى قېزىلغان، ئاساسىي مۇنارى بار. شەرققە قارىتىلىپ سېلىنغان مۇنار قورۇسى، شەرقىي قورۇ ۋە غەربىي قورۇدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئاساسىي مۇنار بار F رايونىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تېمىدا قەدىمقى يۇنان ئۇسلۇبىدىكى تۆۋرۈكلىرى بار. شەرقىي قىسمىدىكى D رايونىدا بىر قانچە ھەدىيە مۇنارلىرى بولۇپ، ئەڭ شەرقىدىكى توسما تېمىدا يۇمىلاق شەكىللىك قورغان بار. مۇنار قورۇسىنىڭ جەنوبى راھىبلار ھۇجرىسى. پۈتكۈل قۇرۇلۇش رەتسىز بولۇپ، گاندىرا، خاتتا(خادا) بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، بىراق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇتلىرى گاندىرا شەكىلدە بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە.