Uyghur主要词典
شورپا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
گۆشنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇشتىن ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇق، بەزىدە ئۇنىڭغا ئازراق تۇز، پىياز، دورا - دەرمانلار سېلىنىپ تەملىك يېمەكلىك قېلىنىدۇ.
چەينەك شورپىسى. توخۇ شورپىسى.
پۇل بولسا، جاڭگالدا شورپا (ماقال).
مانتا، سامسا قاتارلىق قىيمىلىق تاماقلارنىڭ مايلىق سۈيى.
ئۇلار ئىككىسى شورپىسى ئېقىپ تۇرغان پېتىر مانتىنى يەپ ئولتۇرۇپ، شۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۇزاق مەسلىھەتلەشتى.