Uyghur主要词典
شورىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇيۇقلۇقنى ئاستا - ئاستا سۈمۈرمەك.
پاشا قان شورايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. پولۇ بولمىسا ئۇماچ ئىچكەن ياخشى، بىكار تۇرغاندىن جىگدە شۈمۈگەن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تىلى، ئاغزى بىلەن شۈمۈپ، سۈمۈرۈپ ئىچىگە تارتماق، ئىچمەك (سۇيۇقلۇقلار ھەققىدە).
ئۇ توخۇمنىڭ ئۇچىنى قەلەمتىراش بىسى بىلەن ئەپلەپ ئۇرۇپ ئاچتى - دە، ئىچىدىكىسىنى شوراپ ئىچىۋەتتى.
ئىچىگە تارتماق، چەكمەك (چېكىملىكلەر ھەققىدە).
ئېرىم چىلىمنى پورۇقلىتىپ قاتتىق شوراپ تۇرۇپ مېنى شەرەت بىلەن يېنىغا چاقىردى.