Uyghur←Chinese主要词典
شوپېنخائۇئېر
ئىستېتىكا
شوپېنخائۇئېر (1860 - 1788)
叔本华(ArthurSchopenhauer,1788—1860),德国唯心主义哲学家
shū běn huá (ArthurSchopenhauer,1788—1860),dé guó wéi xīn zhǔ yì zhé xué jiā
دۇنيا تارىخى
叔本华
shū běn huá
(1788 - 1860) گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ۋوليۇنتارىست. ياش ۋاقتىدا ئاتىسى بىلەن بىللە گامبۇرگتا سودىگەرچىلىك قىلغان. 1809 - يىلى گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ خىمىيە ئۆگەنگەن. كېيىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىختې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ 1813 - يىلى يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ كانتنىڭ ئەزەلىلىك ئىدېئالىزم نۇقتىئەنەزىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھادىسە ئىرادىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان، لېكىن <ئۆزىدىكى نەرسە>، <ئىرادە>دىن ئىبارەت دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بارلىق كىشىلەر شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان <ھاياتىي ئىرادە>سىنى رېئال دۇنيادا قانائەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشى ئازاب - ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولىدۇ، دېگەننى تەكىتلىگەن. ھىندىستان ۋېدانتا مەزھىپى بىلەن بۇددا ئەقىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، <ئۆزى>دىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ، <ھاياتىي ئىرادە>نى ئىنكار قىلغاندىلا ئازاب - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشقا ئېرىشىپ <نېرۋانا> ھالەتكە يېتەلەيدۇ، دەپ قارىغان. سەنئەت جەھەتتە رېئالىزمچىلارغا قارشى تۇرغان. <دۇنيا ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇردۇر> دېگەن ئەسىرى بار.