Uyghur←Chinese主要词典
شوبېرت
دۇنيا تارىخى
舒伯特
shū bó tè
(1797 - 1828). ئاۋسترالىيىلىك كومپوزىتور. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سەككىز يېشىدا ئۇستازىدىن ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن چېركاۋنىڭ مەرسىيە ئېيتىش سىنىپىغا كىرگەن. 11 يېشىدا ۋېنا پادىشاھ ئوردىسى ئومۇمىي خور ئۆمىكىگە كىرىپ ناخشىچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ، مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە كىرىپ تۇنجى كىچىك ئىسكىرىپكىچى بولغان ھەمدە ئۇستازى ئىتالىيىلىك مۇزىكانت سالىئېرى (1750 - 1825)دىن نەزەرىيە ئۆگەنگەن. 1813 -يىلى مۇزىكا ئەترىتىدىن ئايرىلىپ، سىفەن مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1815 - يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1818 - يىلى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كۆپ ھاللاردا تۇراقلىق كەسپى يوق بولۇپ، نامرات ياشىغان. ئەسەرلىرىدىن ناخشىلار ئەڭ ئاتاقلىق بولۇپ، جەمئىي 600كوپلىتتىن ئاشقان ۋە <ناخشا پادىشاھى> دەپنام ئالغان. ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى <يالماۋۇز>، <ياۋا قىزىلگۈل>، <باھارئەقىدىسى>، <سەرگەردان> ۋە <گۈزەل تۈگمەنچى قىز>، <قىشتىكى سەپەر> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ يازغان 10 سىمفونىيە (ئۇنىڭ 9 -يوقالغان) ئىچىدە <b مىنورلۇق سىمفونىيىسى> (يەنى <تۈگىمىگەن سىمفونىيە>) ۋە <C ماژورلۇق سىمفونىيىسى> ئەڭ داڭلىق. يەنە ئۆي مۇزىكىسى، نەيلىك - تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندالغان مۇقەددىمە ۋە رويال مۇزىكىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىجاد قىلغان