Uyghur←Chinese主要词典
شىنۋىي يىلىدىكى ئەجنەبىيلەر پاراكەندىچىلىكى
دۇنيا تارىخى
辛未洋扰
xīn wèi yáng rǎo
1871 - يىلى (شىنۋىي- قوي يىلى)، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى. 1866 - يىلى ئامېرىكىنىڭ<گېنرال سىمىت> ناملىق قوراللىق سودا پاراخوتى چاۋشيەننىڭ تىدونگان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغاندا، دېڭىز ياقىسىدىكى خەلق تەرىپىدىن كۆيدۈرۋېتىلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ پاراخوتنى ئىزدەپ تېپىش باھانىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فېردىناندلوۋ (1828 - 1894) ۋە ئامېرىكا - ئاسىيا فلوتىنىڭ قوماندانى رودگېرىس (1812 - 1882) باشچىلىقىدا بەش ھەربىي پاراخوت بىلەن1200 كىشىلىكتىن كۆپرەك تاجاۋۇزچى ئارمىيسىنى ئەۋەتىپ، 1871 - يىلى 4 - ئايدا كاڭخائارىلى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، گۇاڭچىڭ بازىرىنى بېسىۋالغان. چاۋشيەن خەلقى باتۇرانە قارشىلىق كۆرسىتىپ، 40 كۈن جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈرگەن. كېيىن كىشىلەرنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداش كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا: <ئەجنەبىي ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزى ئالدىدا ئۇرۇش قىلماسلىق سۈلھىچىلىك بولۇر، سۈلھچىلىكنى تەشەببۇس قىلىشۋەتەن ساتقۇچلۇق بولۇر، ئۇرۇق ئەۋلادلىرىمىز بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىگەن!> دەپ يېزىلغان<سۈلھچىلىكنى سۆكۈش ئابىدىسى>نى ئورناتقان. بۇ چاۋشيەننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىرتتىن كەلگەن دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ تۇنجى غەلىبىسى.