Uyghur←Chinese主要词典
شىن تۇن
دۇنيا تارىخى
辛盹
xīn dǔn
(؟ - 1371) چاۋشيەندىكى ۋاڭ جەمەتى كورىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن ۋەزىر. ئەسلى ئىمسى بيەنجاۋ. كىچىكىدە راھىب بولغان. كېيىن پادىشاھ گوڭ مىنۋاڭ (ۋاڭجۇەن، 1352 - 1374 - يىللىرى تەختتە بولغان)نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، خان ئۇستازى بولغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارغا زەربە بېرىدىغان ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. رەقىبلىرى ئۇنى شەھۋانە، خىيانەتچى، دۆلەت سىياسىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى، دەپ قارا چاپلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن.