Uyghur←Chinese主要词典
شېنوفون
دۇنيا تارىخى
色诺芬
sè nuò fēn
تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 430 - 354( قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى،يازغۇچى. ئافىنادا دۆلەتمەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاقسۆڭەكلەرچە تەربىيە كۆرگەن، كۆپ خىل ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە تەتقىققىلغان، پەيلاسوپ سوكراتنىڭ شاگىرتى. سپارتانىڭ ئاقسۆڭەكلەرچە مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئافىنانىڭ دېموكراتىك سىياسىيغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 403 يىل ئىلگىرى ئافىنانىڭ تىران ھۆكۈمتىى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا يۈرۈپ، قايتىپ كەلمىگەن. مىلادىدىن 401يىل ئىلگىرى پېرسىيە شاھزادىسى كىچىك كۇرۇسنىڭ يۇنان ياللانما قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ پېرسىيە خانلىق تەختىنى تارتىۋېلىشىغاياردەملەشكەن. كۇناكسا ئۇرۇشىدا كىچىك كۇرۇس مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ياللانما قوشۇن تەرىپىدىن داھىيلىققا كۆتۈرۈلۈپ، 10 مىڭ كىشلىكتىن ئارتۇق قوشۇننى باشلاپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىدىن يولغا چىقىپ، ئەرمەنىستان ئارقىلىق كاپكاز تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى بىلەن يۇنانغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن سپارتاغا تايىنىپ، ئافېنا بىلەن دۈشمەنلەشكەن. مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى ئافىنا پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ سىرتتىن سوت قىلىشى بىلەن، ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن سپارتانىڭ خوجىلىق يېرىدە 20 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن 369 يىل ئىلگىرى ئافىنا بىلەنسپارتا يېڭىۋاشتىن يارىشىپ، كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا يۇرتىغا قايتىپ كەلمەي، كورىنفتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەسەرلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرى يەتتە توملۇق <يۇنان تارىخى> )تىئوكىدىدنىڭ تارىخ ئەسىرىگە ئۇلاپ، مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرىكى يىلدىن مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە بولغانتارىخىي ۋەقەلەرنى يېزىپ چىققان(. <يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى>، <ئىقتىساد توغرىسىدا>، <ئافىنانىڭ كىرىمى>، <كۇرۇسنىڭ تەربىيلىنىشى>، <سپارتانىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ھەققىدە>، <سوكرات تۈغرىسىدا ئەسلىمە> قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ <يىراققا يۈرۈش خاتىرىسى> بەكمۇ كەڭ تارقالغان