Uyghur主要词典
شىنجاڭ ماددىي ئەشيالار مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىكەسپىي مائارىپ
1980 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكى سودا نازارىتىگە تەۋە. بۇ مەكتەپ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇشنى بىر گەۋدە قىلغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوبوروت كەسىپتىكى ئىشچىلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش ۋە شىنجاڭدىكى تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيىلەيدىغان بازا، ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كومپيۇتېر قوللىنىش، بازار مۇلازىمىتى، ئىقتىساد ئۇچۇر باشقۇرۇش، كارخانا ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش، مالىيە بوغالتىرلىقى، سودا كاتىباتلىقى، سودا خەنزۇ تىلى، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ <2+3> ئوقۇش تارىخى سىنىپىنى ئاچقان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10000 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 7000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 43 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 689 نەپەر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。