Uyghur←Chinese主要词典
شمونوسېكى ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
下关事件
xià guān shì jiàn
ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنىڭ ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ شمونوسېكى پوتىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى، 1863 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ، ناگاسۇ ۋاسساللىقى ئوردىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن، شمونوسېكى بوغۇزىدا قاتناۋاتقان چەت ئەل پاراخوتلىرىنى توپقا تۇتقان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى مەھكىمىنىڭ ناگاسۇ ۋاسساللىقىنى جازالىشىنى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق مەھكىمىنىڭ ئۇ تەلەپنى ئورۇنداشقا مادارى يەتمەيتتى. ئىككىنچى يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تۆت دۆلەتنىڭ بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتى يوكوخامادىن يولغا چىقىپ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى فېخۇجى ئارىلىغا بېرىپ توپلاشقان، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شمونوسېكى بوغۇزىنىڭ ساھىلىدىكى ھەرقايسى پوتەيلەرنى توپقا تۇتقان. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى ئەسكەرلەر قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەرقايسى پوتەيلەر ئىشغال قىلىنغان. 8 - كۈنى ناگاسۇ ۋاسساللىقى سۈلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان، 14 - كۈنى سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان. ناگاسۇ ۋاسساللىقى چەت ئەل كېمىلىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدا ئەركىن قاتنىشىشغا رۇخسەت قىلىشقا، ۋەيران قىلىنغان پوتەيلەرنى رېمونت قىلماسلىققا ۋە يېڭىدىن پوتەي سالماسلىققا كېلىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ناگاسۇ ۋاسساللىقى غەربچە قورالنىڭ كۈچىنى ئوبدان بىلىپ، چەت ئەللىكلەرنى قارىغۇلارچە چەتكە قاقىدىغان لۇشيەندىن ۋازكېچىپ، ئەنگلىيە بىلەن پەيدىنپەي قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان.