شىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شىمى بار. شىم كىيىۋالغان:[مىسال:] قارا شىملىق ھېلىقى يىگىت ئۇدۇل ئايتۇراننىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، ھىجىيىپ ئايتۇرانغا تىكىلدى.[يەشمىسى:] ② شىم تىكىشكە بولىدىغان، شىم تىكسە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر شىملىق رەخت. ∥-يەنە بۇنى ماڭا ئالغۇچە ئۆزىڭىزگە شىملىق ئالسىڭىز بولماسمىدى-دېدى ئۇ ئېرىگە.