Uyghur←Chinese主要词典
شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى俄国北方工人协会
é guó běi fāng gōng rén xié huì
روسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىنقىلابىي ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. 1878 - يىىنىڭ ئاخىرى ئوبنورسكى بىلەن خالتورىن تەرىپىدىن پېتروگرادتا قۇرۇلغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پروگراممىسىدا ئىشچىلار سىنپىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولى تەكىتلەنگەن، ئىشچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ھەمدە دېھقانلار بىلەن بىرلىشىشى، سىياسىي ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئەڭ ئاخىرىدا <دۆلەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى> تەشەببۇس قىلىنغان. تەخمىنەن 200 دەك ئەزاسى بولغان. يوشۇرۇن باسمىخانىسى بولۇپ، <ئىشچىلار تاڭ نۇرى گېزىتى>نى نەشىر قىلغان. كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە باشقا شەھەرلەردىكى ئىشچىلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1880 - يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمتىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى روسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل تەشكىلات قۇرۇپ، سىياسىي كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。