Uyghur←Chinese主要词典
شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى
领域: دۇنيا تارىخى北德意志联邦
běi dé yì zhì lián bāng
پروسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ماين دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گېرمان شتاتلىرىنىڭ پرۇسسىيە باشچىلىقىدا قۇرغان ئىتتىپاقى. 1866 - يىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بىسمارك پرۇسسىيە ھۆكۈمتىگە ۋەكالىتەن شىمالىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارغا گېرمانىيە ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. 18گېرمان شتاتى ۋە ئۈچ ئەركىن شەھەر (گامبۇرگ، بېرمېن ۋە لۇبېك) ئىتتىپاق تۈزۈش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 9 - 10 - ئايلاردا يەنە تۆت شتات قاتناشقان. 12 - ئايدا شتاتلار ۋە ئەركىن شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى بېرلىنداشىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇن - لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1867 - يىلى 4 - ئايدا ماقۇللىغان (7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان). ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن، ئىتتىپاققا ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى پارلامېنت - ئىمپېرىيە پارلامېنتى بىلەن ئىتتىپاق پارلامېنتى قۇرۇلغان. يەنە پرۇسسىيەنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى بېكىتىلگەن، پرۇسسىيە پادىشاھى ئىتتىپاقىنىڭ مىراس قالىدىغان دۆلەت باشلىقى ۋە ئالىي ھەربىي قوماندانى بولۇپ، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىگەن، پرۇسسىيە باش ۋەزىرى ئىتتىپاق ھۆكۈمتىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، پەقەت ئىتتىپاق باشلىقى ئالدىدىلا جاۋابكار بلىدىغان، پارلامېنتقا جاۋابكار بولمايدىغان بولغان. 1867 - يىلى يەنە باۋارىيە، ۋۇرتتېمبېرگ، بادېئى، ھېسېن - دارمىشىتادت قاتارلىق جەنۇبىي گېرمانىيە شتاتلىرى بىلەن ھەربىي كېلىشىم تۈزگەن سە زىچ ئىقتىسادىي ئالاقە ئورناتقان. 1871 - يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئىتتىپاق مەۋجۇت بولمىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。