Uyghur←Chinese主要词典
شىمابارا، ئاماكۇسا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
岛原,天草起义
dǎo yuán ,tiān cǎo qǐ yì
ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شىمابارا بىلەن ئاماكۇسا خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلىڭى. ئېدو شوگونلۇقى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن بېكىنىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، يەنە بىر تەرەپتىن كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى داۋاملىق باستۇرغان. شىمابارا يېرىم ئارىلى (ھازىرقى ناگاساكى ناھىيىسىگە تەۋە) ئەسلىدە كاتولىك دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ھىنزىن ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ئارىما جەمەتىنىڭ خوجىلىق زېمىنى بولۇپ، ئېدو شوگونلۇقى بۇ جاينى ئېكاكامى ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ماتسۇكۇرا سگېماساغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. ماتسۇكۇرا ئىزچىل ھالدا كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ، دېھقانلارنى ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىپ كەلگەن. ئاماكۇسا ئارىلى(ھازىرقى كۇماموتۇ ناھىيىسىگە تەۋە) ئەسلىدە دىندار ھنزېن ۋاسساللىقىنىڭ بېگى كونىچە جەمەتىنىڭ سۇيۇرغاللىق زېمىنى بولۇپ، شوگنات بۇ ئارالنى كاراتسۇ ۋاسساللىقىنىڭ بېگى - تېراساۋا خىروتاكانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغائۆتكۈزۈپ بەرگەن. تېراساۋامۇ يەرلىك دېھقانلارنى خارلاپ كەلگەن. 1637 - يىلى (كانناگانىڭ 14 - يىلى) 10 - ئايدا (قەمەرىيە) شىمابارا خەلقى ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئارقىدىنلا ئاماكۇسا خەلقىمۇ قوزغالغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى قاتنىشىپلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇنلىغان بۇددا مۇرىتلىرىمۇ قاتناشقان. ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ماشتاتوكىسادا (ئاماكۇساشرۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى قوزغىلاڭغا يولباشچى قىلىپ سايلىغان. شوگنات ئىتاكۇراسىكمىماسانى قوشۇن باشلاپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ بازىسى خاراكوشىغاھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. 1638 - يىلى يېڭىيىلدا ئىتاكۇراغا ئوق تىگىپ ئۆلگەن. شوگنات يەنە ئۆزىنىڭ يېقىن ئەمەلدارى ماتسۇدا ئىرانوبۇتسۇنا قوماندانلىقىدا 124 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن ھەمدە گوللاندىيە ھەربىي پاراخوتىنى سېتىۋېلىپ توپقا تۇتقۇزغان. قورغان ئېلىنغاندىن كېيىن، ئىككى جايدىكى قوزغىلاڭ قىلغان خەلق (ئاياللار بىلەن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن جەمئىي 37 مىڭ كىشىنى پۈتۈنلەيقىرىپ تاشلىغان.