Uyghur←Chinese主要词典
شىلىفېن
دۇنيا تارىخى
史里芬
shǐ lǐ fēn
(1833 - 1913) گېرمانىيە مارشالى، ھەربىي نەزەرىيىچى. 1863 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى باش شتابىدا ۋەزىپەئۆتىگەن. پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866) ۋە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى (1870 - 1871)غا قاتناشقان. 1891 - 1905 - يىللىرى باش شتاب باشلىقى بولغان. مولتكېنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتابىغا بىر تۈركۈم ئوفىتسىرلانى يىتىشتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ 1905 - يىلى تۈزگەن <شىلفېن پىلانى> بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيىنىڭ ستراتىگىيىلىك پىلانىنىڭ نۇسخىسى بولغان. ئۇنىڭ ستراتىگىيىلىك ئىدىيىسى گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. <ھازىرقى زامان ئۇرۇشى>، <قوماندان>، <كاننى ئۇرۇشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.