ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مۇزىكا
مۇقىم ئاۋاز ئېگىزلىكى بولمىغان بىر خىل ئۇرغۇلۇق داپ. گەردىشى ياغاچتىن ياسىلىپ، بىر تەرىپىگە قوي تېرىسى كىيدۈرۈلىدۇ، گەردىش سىرتىغا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق قوڭغۇراق ياكى تۆمۈر ھالقىلار ئورنىتىلىپ، چالغاندا شىلدىرلىغان قوشۇمچە ئاۋازلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئادەتتە ئوڭ قولىنىڭ بارمىقى ياكى ئالىقىنى بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. سول قول داپنى كۆتۈرۈپ، چايقاپ بېرىدۇ.