Uyghur←Chinese主要词典
شىكتېئى سانبا
دۇنيا تارىخى
式亭三马
shì tíng sān mǎ
(1776 - 1822) ياپونىيە ئېدونىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى كۈلكىلىك ھېكايىلەرنى يازغۇچى، ئېدونىڭ ئاساكۇسا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى كىكۇ ئىكې خىسانورى، تەخەللۇسى ئويۇنخانا. كىتابخانا ئاچقان. كېيىن دورا سودىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىشىپ يېزىقچىلىق قىلغان. 1809 - 1812 - يىللىرى تۆت قىسىم، توققۇز بۆلۈملۈك <ئۈكىيو مۇنچىسى>نى ۋە 1812 - 1814 - يىللىرى ۋەكىللىك ئەسىرى <ئۇكىيو ساتىراشخانىسى>نى يېزىپ، دىئالوگ شەكلىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئەسەرلىرى ھەجۋى خاراكتىردە يېزىلغان.