Uyghur主要词典
شىكەستە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۇنغان، جاراھەتلەنگەن، مەجرۇھ:
ئاجىز، زەئىپ:
1. - مەنى شىكەستەنى دەۋران شىكەستەرەك قىلدى،
كۆزۈم ياشىنى ئاقىزدى، تامار ئېردى تەم - تەم.
ناقىس.
2. ئۆزۈڭدىن بۆلەك بەندە يوق پەناھ،
شىكەستە قولۇڭ بارچەسى ئۆزرخاھ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۇنغان، سۇنۇق؛ مەجرۇھ؛ مەغلۇپ؛ كۆڭلى قاتتىق ئازار يىگەن: پا شىكەستە - ئايىقى سونۇق؛ چولاق؛ ناتىۋان، كۈچسىز؛ شىكەستە خاتىر - كۆڭلى سۇنۇق، ڭۆڭلى يېرىم؛ شىكەستە مەقال - سۆزدە دۇدقلاش، سۆزلىيەلمەي قېلىش؛ شىكەستىلىك - سۇنۇقلۇق؛ قىينالغانلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ جاراھەتلەنگەن، سۇنۇق، قايغۇلۇق، ھەسرەتلىك.
بۇ سۆز بىلەن ئۇنىڭ شىكەستە دىلى سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.
ئى. جاراھەت؛ غەم - قايغۇ، دەرد - ھەسرەت، ئەلەم.
نېمىشقا بۇ تىلىم بارمايدۇ گەپكە، ھە قېتىم كۆرگەندە قالىمەن دەردتە، ئايرىلىپ كەتكەندە يېنىڭدىن بىردەم، پىراقىڭ بۇ دىلنى قىلار شىكەستە.