Uyghur主要词典
شېكەر سىيىش كېسەللىكى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تېبابەت
سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەل. كۆپىنچە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولۇش، يېمەكلىكلەردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى نورمال بولماسلىق نەتىجىسىدە، بەدەندە ھاسىل بولغان گلۇكوزا سۈيدۈك ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا، ئىشتىھا بەك ئېچىلىپ كېتىش، دائىم ئۇسساش، سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىش، بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى دەخلىگە ئۇچرايدىغان، ھەتتا ھوشسىزلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.