Chinese→Uyghur主要词典
试验组
پسىخولوگىيە
تەجرىبە گورۇپپىسى
پسىخىكا ياكى تەربىيە توغرىسىدا ئېكىسپېرمېنتال تەجرىبە ئىشلەشتە، تەجرىبە ئوبيېكتلىرى يېشى، جىنسى، ئەقلىي قابىلىيىتى، ئۆگىنىشى قاتارلىق شەرتلەر بويىچە تەپمۇ تەڭ ئىككى گورۇپپىغا ئاجرىتىلىدۇ. بۇلاردىن بىرىنچى گورۇپپا ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆزىتىلىدۇ، ئىككىنچى گورۇپپا شۇ بويىچە ساقلىنىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىلمايدۇ، تەجرىبە ئاخىرلاشقاندا، بۇ گورۇپپا بىرىنچى گورۇپپا بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ. بۇلاردىن بىرىنچى گورۇپپا تەجرىبە گورۇپپىسى دەپ ئاتىلىپ، ئىككىنچى گورۇپپا تىزگىنلەنگەن ياكى سېلىشتۇرۇش گورۇپپىسى دەپ ئاتىلىدۇ.