Chinese→Uyghur主要词典
实验室试验法
پسىخولوگىيە
تەجرىبىخانىدا تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى
بۇ ئالاھىدە جاھازلانغان تەجرىبىخانىدا ئېكىسپېرمېنتال تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇ قاتتىق تىزگىنلەنگەن شارائىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇسۇل. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلىگەندە تۈرلۈك ئاپپاراتلار قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: تاخسىتوسكوپ ئارقىلىق ئادەمنىڭ دىققەت دائىرىسى ئېنىقلىنىدۇ.
ۋولت 1879 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى پسىخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ، ئىدراك ئۈستىدە تەجرىبە ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنى ناھايىتى كۆپ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى توغرا، ئىلغار تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قولغا كەلمەكتە. بۇ ئۇسۇل پسىخولوگىيىنىڭ تۈرلۈك تارماقلىرىدا كەڭ قوللىنىلماقتا.