Chinese→Uyghur主要词典
史学史
دۇنيا تارىخى
تارىخشۇناسلىق تارىخى
تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان ھەم بايان قىلىدىغان پەن. تارىخشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. ئادەتتە، تارىخ پەلسەپىسى، تارىخ يېزىش - تۈزۈش ئىلمى، تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق ۋە تارىخ مېتودولوگىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ماركسىزم ئىدىيىسى يېتەكچىلىكىدە قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخشۇناسلىقىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كونكرېت جەريانىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى ھەم تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىزلەشتىن؛ تارىخ پەلسەپىسى ئېقىملىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى ئېنىقلاش ھەمدە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى ھەرقايسى ئېقىملار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى، بولۇپمۇ تارىخىي ماتېرىيالىزم بىلەن ھەر رەڭ - ھەر شەكىلدىكى تارىخىي ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى تەتقىق قىلىشتى؛ تارىخ بىلىملىرىنىڭ توپلىنىش جەريانىنى تەكشۈرۈش ۋە تارىخ تۈزۈش ئىلمىنىڭ مېۋىلىرىنى يەكۈنلەپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە ياشىغان بەلگىلىك نەتىجىسى بولغان تارىخشۇناسلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا دەل لايىقىدا باھا بېرىشتىن؛ تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن تارىخىي ماتېرىياللارنى پەرق ئېتىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاقرىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەشتىن؛ تارىخشۇناسلىق ئۇسۇللىرىدىكى ئۆزگىرىلشەرگە دىققەت قىلىپ، تارىخشۇناسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ تارخشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. تارىخشۇناسلىق تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئومۇمەن ئالغاندا، ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخشۇناسلىق تارىخى چەت ئەللەر تارىخشۇناسلىق تارىخى ۋە دەۋرلەرگە بۆلۈنگەن تارىخشۇناسلىق تارىخىغا بۆلۈنىدۇ.