Chinese→Uyghur主要词典
施瓦岑堡
دۇنيا تارىخى
شىۋارزېنبېرگ
(1800 - 1852) ئاۋسترىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1848 - 1852). 1826 - يىلى لوندونغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 1838 - 1848 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تۇرېن، پارما ۋە نېئاپول قاتارلىق جايلاردا ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1848 - يىلى ئىتالىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە ۋېنادىكى ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيەنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان. <تۆمۈر قوللۇق> ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ، ئاۋسترىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان ھەمدە چاررروسىيە ئارمىيسىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. ئوتتۇرا ياۋرۇپاد ئاۋسترىيىنىڭ زوراۋانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، پروسسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىنى قاناتيايدۇرۇپ، 1850 - يىلى 11 - ئايدا، روسىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، پرۇسسىيىنى <ئورمىيۇس كېلىشىمى>نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلىپ،ئاۋستىرىيىنىڭ گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
shī wǎ cén bǎo
شۋارزېنبۇرگ