Chinese→Uyghur主要词典
施马尔卡尔登同盟
دۇنيا تارىخى
شىمالكادېن ئىتتىپاقى
1531- يىلى گېرمانىيىنىڭ پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىلەن ئىمپېرىيەگە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىمالكادېن (سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ زۇل رايونىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە)دا تۈزگەن ئىتتىپاقى. ئۇنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە ۋە كاتولىك دىنىدىكى كىنەزلىكلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئورنى ۋە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن چېركاۋغا قاراشلىق يەرلىرىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت. باشلىقلىرى ھېسسېن كىنەزى فىلىپ ۋە ساكسونىيە پادىشاھ سايلىغۇچى كىنەز جون فرېدرىخ قاتارلىقلار. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ 30، 40 - يىللىرى بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيىدىكى مۇھىم بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ قالغان. ئەمما ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان دىنىيمەزھەپتىكى كىنەزلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى، كىنەزلىكلەر بىلەن شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىتتىپاقنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرغان. شىمالكادېن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ساكسونىيە كىنەزى مورىسنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ ئۆز سېپىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئىتتىپاق 1547 - يىلى ئىمپېراتور چارلېس Ⅴ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئىتتىپاق شۇ يىلى تارقىلىپ كەتكەن.