Chinese→Uyghur主要词典
视觉
پسىخولوگىيە
كۆرۈش سەزگۈسى
بۇ تاشقى جىسىمنىڭ روشەن - خىرەلىكى ۋە رەڭ ئالاھىدىلىكىنى پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. نۇرنىڭ بىۋاستە، يا بولمىسا باشقا جىسىملاردىن ئەكس ئېتىپ كۆزىمىزدىكى تور پەردىگە چۈشۈشى بىلەن سەزگۈ ھۈجەيرىسىدە پەيدا بولغان قوزغىلىش نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى كۆرۈش رايونى ( گەژگە بۆلىكىدە ) غا بارغاندا، كۆرۈش ئانالىزاتورى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەر ئاجىز نۇرغا بەك سەزگۈ بولغان كەچتە كۆرۈشنىڭ رېتسىپتورىدۇر؛ كولبىسمان ھۈجەيرىلەر كۈچلۈك نۇرنى سىزىشكە ماسلاشقان بولۇپ، كۈندۈزى كۆرۈش ۋە رەڭ سەزگۈسىنىڭ رېتسىپتورىدۇر. بۇلار نۇر ئىپىكتورىدىكى 390 - 770 مىكرومېترغىچە بولغان ھەر خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنى ئانالىز قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل، كۆك قاتارلىق رەڭ سەزگۈسى ھاسىل بولىدۇ. كۆرۈش سەزگۈسى جىسىملارنىڭ بوشلۇقىتىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى مەسلەن:چوڭ - كىچىكلىكى، يىراق - يېقىنلىقىنى پەرق ئېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بىئولوگىيە
كۆرۈش سېزىمى
يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈش سېزىمى رېتسېپتورلىرىنى غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان سېزىم. يورۇقلۇق مەنبەسىدىن چىققان نۇر كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشكەندە كۆرۈش تور پەردىسىدىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى رېتسېپتورلارنى غىدىقلاپ قوزغىتىدۇ. قوزغىلىش يەنە كۆرۈش نېرۋىلىرى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى گەجگە ياپرىقىغا كىرىپ كۆرۈش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ۋە رەڭگىنى ھەم جىسىملارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، يىراق - يېقىنلىقى ۋە شەكلى قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە ئىككى خىل يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر، يەنى كۆرۈش تاياقچە ھۈجەيرىلىرى ۋە كۆرۈش كونۇس ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئاجىز، يورۇقلۇققا سەزگۈر بولۇپ، كېچىسى كۆرىدىغان يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرگە كىرىدۇ؛ كېيىنكىسى كۈچلۈك، يورۇقلۇققا سەزگۈر بولۇپ، كۈندۈزى كۆرىدىغان ۋە رەڭ كۆرىدىغان يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرگە كىرىدۇ. توخۇغا ئوخشاش كۈندۈزى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش كونۇس ھۈجەيرىلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ؛ چاشقانغا ئوخشاش كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ بولسا، كۆرۈش تاياقچە ھۈجەيرىلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئادەم كۆزىنىڭ سېزىپ قوبۇل قىلالايدىغان يورۇقلۇق نۇرلىرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دائىرىسى تەخمىنەن 397 - 723 نانومېتىر (مىللىمىكرومېتىر) ئارىلىقىدا بولىدۇ.
ماشىنىسازلىق
shì jué
كۆرۈش سېزمىDئادەم ئاناتومىيىسى
shì jué
كۆرۈش سېزىمىDئادەم ئاناتومىيىسى
shì jué
كۆرۈش سېزىمىDكومپيۇتېر
shì jué
كۆرۈش سەزگۈسىDمائارىپ
shì jué
كۆرۈش سېزىمى، كۆرۈپ سېزىشDئۇنىۋېرسال
shì jué
كۆرۈش سېزىمى؛ كۆرۈش سەزگۈسى
Dئېلېكترون، ئۇچۇر
shì jué
كۆرۈش سەزگۈسىDتېببىي
shì jué
كۆرۈش سېزىمىDتاشيول قۇرۇلۇشى
shì jué
كۆرۈش سېزىمىDسودا
shì jué
كۆرۈش سىزىمىDتەنتەربىيە
shì jué
كۆرۈش سېزىمى، كۆرۈش سەزگۈسى