Chinese→Uyghur主要词典
世界产业工
دۇنيا تارىخى
دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقى
ئامېرىكا سول قانات ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1905-يىلى چىكاگودا قۇرۇلغان. رەھبەرلىرى خايۋوئود قاتارلىقلار. ئاساسىي مەقسىتى: سانائەت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنى ئاساس قىلىپ ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇپ سانائەتنى كونتورول قىلىپ كاپىتالىزىمنى يوقىتىشتىن ئىبارەت 1909-1919-يىللاردا كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. روناق تاپقان مەزگىللىرىدە ئەزالىرى 150 مىڭ ئادەمگە يەتكەن ھەرىكىتىنىڭ ئانارخومىندىكالىزىغا مايىل بولۇپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ستېخىيىلىكى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى تەشەببۇس قىلىپ سىياسىي ھەرىكەتلىرىدىن بىزار بولۇپ ئىشچىلار دەسسىتىشىكە ئۇرۇنغان. 1918-يىلى قوشنا شتات ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك دائىرىلەر<دۆلەت ئامانلىقىغا تەھدىت سالغان>ۋە<جاسۇس>دېگەن جىنايەت بىلەن خايۋوئود قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق مۇھىم ئادەملىرىنى قولغا ئالغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن. بۇ تەشكىلات 1924-يىلى ئاساسەن پارچىلىنىپ كەتكەن.