Chinese→Uyghur主要词典
时间知觉
پسىخولوگىيە
ۋاقىتنى ئىدراك قىلىش
ۋاقىتنى ئىدراك قىلىش كىشى مېڭىسىدە ئوبيېكتىپ ھادىسىلەر ھەرىكىتى ئۆزگىرىشىنىڭ داۋاملىشىش ۋە رەتلىكلىكنىڭ بىۋاسىتە ئەكس ئېتىشىدىن ئىباەت. ۋاقىتنىمۇ نۇر، ئاۋاز ياكى باشقا كونكرېت غىدىقلىغۇچىلاردەك شەرتلىك رېفلېكسكە غىدىقلىغۇچى قىلغىلى بولىدۇ. دېمەك ۋاقىت كىشىلەر تەرىپىدىن سۇبيېكتىپ ياساپ چىقىرىلغان نەرسە ئەمەس، ئوبيېكتىپ مەۋجۇت نەرسە. ۋاقىتمۇ بوشلۇققا (ماكانغا) ئوخشاش ماددا مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل شەكلى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى داۋاملىشىش، رەتلىكلىك ۋە كەتسە - كەلمەسلىك. ۋاقتنى ئىدراك قىلىش ۋاقىتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىنكاس قىلىشتىن ئىبارەت. ۋاقىتنى ئىدراك قىلىش بىلەن ۋاقىت ئۇقۇمى بىر نەرسە ئەمەس، ئۇلار بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ۋاقىت ئۇقۇمى ۋاقىت ئالاھىدىلىكىنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇلغان ئىنكاسى، مەسىلەن، بىر ئەسىرنىڭ قانچە يىل بولۇشىنى، بىر كۈن قانچە سائەت، بىر سائەتنىڭ قانچە مىنوت، قانچە سىكۇنت بولۇشىنى بىلىش؛ مەلۇم تارىخىي دەۋرنىڭ قانچە ۋاقىت بولغانلىقى، بىزگىچە قانچە يىل ئۆتكەنلىكى قاتارلىقلارنى بىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىت ئۇقۇملىرى تەپەككۇر ۋە خىيال ئارقىلىق ھەمدە ھېسابلاش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك بىلىپ ئېلىنغان. ۋاقىتنى ئىدراك قىلىش بولسا، ۋاقىت ئالاھىدىلىكىنىڭ بىۋاسىتە، كونكرېت ئىنكاسى. ۋاقىت ئىدرىكىدىمۇ مەلۇم ۋاقىت ئۇقۇمىغا باغلىنىشلىق بولغان «ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى» قوللىنىلىدۇ. يەنە ۋاقىتنى ھېسابلاشنىڭ باش ئايىغى بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل باش - ئايىغى ھازىرقى بولۇپ، ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئەمەس. ۋاقىتنى ئىدراك قىلىشتىكى ۋاقىت بىرلىكى كىچىكرەك، كونكرېتراق بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم پائالىيەتنىڭ ئۆتۈپ بولغانلىقىغا قانچە ۋاقىت بولغانلىقىنى (بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە مىنۇت، بىر قانچە سىكۇنت)، ھازىر قايسى ۋاقىت (ئالدىنقى يېرىم كېچىمۇ ياكى كېيىنكى يېرىم كېچىمۇ، تەخمىنەن قانچە سائەت، قانچە مىنۇت) ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار. ۋاقىتنى ئىدراك قىلىشنىڭمۇ ماكاننى (بوشلۇقنى) ئىدراك قىلىشقا ئوخشاش مەخسۇس ئانالىزاتورى يوق. تەبىئەت دۇنياسىدىكى دەۋرىيلىك ھادىسىسى (كۈن، ئاينىڭ چىقىپ ئولتۇرۇشلىرى، يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىشى، كۆلەڭگە، شولىلارنىڭ ھەرىكىتى، دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈشى، خورازنىڭ چىللىشى، قۇشلارنىڭ قايتىپ كېلىشى)، مۇئەييەن رېتىم (مۇزىكا تاكىتى، سۆزلەنگەن نۇتۇق مەزمۇنىنىڭ ئاز - كۆپلىكى، ئەمگەك، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلىكى، يول يۈرۈش قەدىمى، مېڭىپ بولغان ئارىلىق قاتارلىقلار)، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىش، يېتىش - قوپۇش (ئاچلىق، ئۇسساش، ئىچكى ئەزالار سەزگۈسى، چارچاش، ئۇيقۇسىراش قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئادىتى بار) ياكى مەلۇم خىلدىكى ۋاقىت ھېسابلاش قوراللىرى (سائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قوراللار) ئارقىلىقمۇ ۋاقىتنى ئىدراك قىلغىلى بولىدۇ. ۋاقىتنى ئىدراك قىلىش چوڭ مېڭە فونكسىيىسى، ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان ماددى ھەرىكەت ئۆزگىرىشىنىڭ ۋاقىت ئالاھىدىلىكىنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى بىۋاسىتە ئىنكاسى. كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتىدە پەرق بولىدۇ. بۇ تۇرمۇش شارائىتى (زامانىۋى زاۋۇت ياكى يېزا)، تۇرمۇش تارىخى (ئۇزۇن مۇددەت ۋاقىتنىڭ توغرىلىقى جەھەتتىكى تەلەپ يۇقىرى بولغان ئىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى، قاتتىق تەربىيلەنگەن بولۇشى) بىلەن مۇناسىۋەتلىك.