Uyghur←Chinese主要词典
شېيدېمان
دۇنيا تارىخى
谢德曼
xiè dé màn
(1865 - 1939)، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات كاتتىباشلىرىنىڭ بىرى، ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1919 - يىلى). كاسسېلدا تۇغۇلغان. 1903 - يىلى كاسسېل سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن پارلامېنتقا كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئاكتىپ قوللىغان. 1918 - يىلى پارلامېنتنىڭمۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، باۋارىيە شاھزادىسى ئىچكى كابېنتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. گېرمانىيىدە نويابىر ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن، سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرغان. 1919 - يىلى 2 - ئايدا ۋېمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپابەرگەن. 1920 - 1925 - يىللاردا كاسسېل شەھرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933 - يىلى گىتلېرتەختكە چىققاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. كوپىنھاگېندا ئۆلگەن.