Chinese→Uyghur主要词典
石川千代松
دۇنيا تارىخى
ئىشىكاۋا چىيوماتسۇ
(1861 - 1935) ياپونىيىلىك بىئولوەىيە ئالىمى. فىزىكا دوكتۇرى. ئېدو بارگاھىدىكى چىبىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1882 - يىلى توكيو داشۆسىنىڭ زوئولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1884 - يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1889 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ئىككىنچى يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمىي كەسپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1911 - يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ھەرخىل جانلىق ئورگانىزملارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىنى تەتقىق قىلىش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان. ئۇنىڭ <ھايۋاناتلرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسدا>، <تەدرىجىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھاكىمە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن ئون توملۇق <ئىشى كاۋاچىيوماتسۇ ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.