Chinese→Uyghur主要词典
食虫植物
بىئولوگىيە
ھاشارات يەيدىغان ئۆسۈملۈك
ھاشارات ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر. ئۇلارنىڭ يوپۇرمىقى ھاشارات تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خىلمۇخىل ئالاھىدە ھالەت ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، قەپەز ئوتنىڭ يوپۇرمىقى خالتىسىمان ھالەتكە ئۆزگەرگەن بولۇپ، خالتىسىنىڭ ئۇچىدا ئاغزى، ئىچىدە ھاشاراتنى پارچىلايدىغان ئاجراتما ماددا، تېگىدە ھاشاراتنى جەلپ قىلىدىغان ھەسەل بولىدۇ؛ كەڭ تارقالغان كۆپۈك ئوت سۇدا ياشاپ، يىپسىمان يوپۇرمىقى بىلەن فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغاندىن باشقا، بەزى يوپۇرماقلىرى ھالەت ئۆزگەرتىپ خالتىسىمان ھالەتكە كېلىدۇ، خالتىسىنىڭ ئىشىكى ھەرىكەتچان بولۇپ ئىچىگە ئېچىلىدۇ. شۇڭا ھاشارات خالتىغا كىرگەندىن كېيىن چىقىپ كېتەلمەي، خالتا ئىچىدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقتا پارچىلىنىپ كېتىدۇ؛ قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوتنىڭ يوپۇرمىقىدا زىچ ئۆسكەن بەزلىك تۈكچىلەر بولىدۇ. بەزلىك تۈكچىلەر يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھاشاراتلارنى يېپىشتۇرۇۋالىدۇ، ھەمدە ئۇنى پارچىلىۋېتىدۇ. ھاشارات يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئاساسەن ئىسسىق بەلباغقا تارقىلىدۇ، تۈرى تەخمىنەن 500 خىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك
shí chóng zhí wù
ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكDئۇنىۋېرسال
shí chóng zhí wù
ھازاراتخور ئۆسۈملۈك