领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىشىنجاڭدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ جەھرىيەگە تەۋە شاگۇ ۋە بەنچاۋ پىرقىلىرى « شىياۋفاڭ » دېيىلىدۇ. ئۇنداق مەسچىتلەرنىڭ جامائىتى چوڭ مەسچىتلەرنىڭكىدىن ئاز بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. جەھرىيە XVIII ئەسىردە شىنجاڭغا كىردى. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ سۈلۈكتىكى مۇسۇلمانلار شىنجاڭغا كىردى. بەي يەنخۇ ( 1841 _ 1882 ) غا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كەلگەن دى داۋ تەييى بىلەن شىنجاڭنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى ئوتتۇرىسدا زىددىيەت پەيدا بولدى. سۈلۈك ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى؛ مايۇەنچاڭ ۋە ماجىڭشى ئۆز ئالدىغا زاۋىيە قۇرۇپ، ئىككى گۇرۇھقا رەئىس ئەۋەتىپ دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلدى.