Chinese→Uyghur主要词典
世阿弥
دۇنيا تارىخى
زېئامى موتوكىيو
(1363 - 1443) ياپونىيىنىڭ مورۇماچى مەزگىلىدە <نېڭيۆ> تىياتىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى. كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسمى قورۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن زىئامىتا مىنامى دەپ ئاتالغان. 1401 - يىلدىن كېيىن زىئامىتابا دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان (ئادەتتە زېئامى موتوكىيو دەپ ئاتىلىدۇ). ئاتىسى زېئامى چىنىسى يامابودا (بۈگۈنكى نارا ناھىيىسىدە) يۈەنلې تىياتىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1374 - يىلى ئاتىسى سەھنىگە چىقىپ رول ئالغاندا، سىياگۇن ئاشىكاگا يوشىمىتىسۇنىڭ قەدىرلىشىگە نائىل بولغان. 1384 - يىلى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ياماتودا يۈەنيۆ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نېڭيۆنى ئىجاد قىلغان ھەمدە ئۆزى ھەر خىل قوشاقلارنى توقۇغان. 1408 - يىلى ئاشىكاگا يوشىمىتسۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاشىكاگا يوشىمىتىنورى (1394 - 1441) نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ، سادو ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. يوشىمىتىنورى ئۆلگەندىن كېيىن ئاسترتتىن پايتەختكە يېنىپ كەلگەن. ئۇ يازغان <قەلەندەر تەركىزىسى>، <قېرىلىق كۆزەينىكى> قاتارلىقلار مەشھۇر نېڭيۆ ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.