Uyghur主要词典
شەخس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەم كىشى، بىراۋ:
چۇ بۇ شەخش قىلدى تەھىيەت ئەدا،
كى قارۇن ئاتىم مەرد سەنئەت نامە.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېتىشكەن، تونۇلغان كىشى.
دۆلەت ئەربابلىرى _ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى. توغرىلىقتىن كېلەر ھەممە ياخشى ئات، ئەرگرىلىكتىن پايدا كۆرمىدى بىر زات. مەشھۇر زات. ئالىي زات. تارىخىي شەخس. ئۇلۇغ شەخىسلەر كەمتەر، ئېھتىياتچان كېلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئايرىم بىر كىشى. يەككە ئىگىلىك، يەككە پائالىيەت
كوللكېتىپ
بىرلەشكەن كۆپچىلىك، كۆپچىلىكتىن شەكىللەنگەن گەۋدە. كوللېكتىپ ئىگىلىك، كوللېكتىپ پائالىيەت
قالدىم يەككە، يېدىم دەككە. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخس مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇش لازىم. شەخسىي كوللېكتىپنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇ كوللېكتىپتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشى، ئادەم.
ناتونۇش شەخس.
مەلۇم جەھەتتە تىپىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ياكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان كىشى.
تارىخىي شەخس. شەخسكە چوقۇنۇش.
<تىل> ئىسىم، ئالماش ۋە پېئىللاردا كۆرۈلىدىغان ھەمدە شۇ خىل سۆز تۈركۈمىدىكى سۆزلەرنىڭ مەلۇم تۈرلەنگەن شەكلى ئارقىلىق شۇ سۆز ئىپادىلىگەن شەيئى ۋە ئىش - ھەرىكەتنىڭ سۆزلەنگۈچى، ئاڭلىغۇچى ۋە سۆزلىگۈچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ قايسى بىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن گرامماتىكىلىق فورما. ئادەتتە ئۇ بىرىنچى شەخس، ئىككىنچى شەخس ۋە ئۈچىنچى شەخس دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ