Uyghur主要词典
شەۋكەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كاتتا ئابرۇي، ھۆرمەت، شان - شۆھرەت؛ سەلتەنەت:
بۇلار شەۋكەتى پادىشاھلىق بىلە،
زىيارەت قىلىپمەن گەدالىق بىلە.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
داغدۇغا، ھەشەمەتلىك؛ سەلتەنەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان زور ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ئابروي، ئىجابىي خىسلەت، چوڭ داڭق.
ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئازاب چېكىشمۇ شەرەپ. شەرەپ بىلەن غەلبە بىر تۇغقان قوشماق. شۆھرەتكە ئىنتىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ رەزىل ھەۋەستۇر. بىلمەمسەن، كىمكى بۇزدى ئەھد - پەيمان، بۇ توپتا تاپمىدى شەۋكەت يا شان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
نومۇس، ئىزا، ئاھانەت، ئىزا - ئاھانەت، ئار - نومۇس
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئابرۇي، ھۆرمەت؛ شان - شۆھرەت.
كۈي قاتسام شۇڭا دىلدىن، شېكەر ياغدى بۇ تىلدىن، شەۋكىتى بۇ دىيارىمنىڭ يۈرەككە ئىشتىياق سالدى.
كۈچ - قۇۋۋەت، سالاپەت؛ ھەيۋەت، ھەشەمەت.
- شاھزادە بېگىمنىڭ شەۋكىتى بىلەن مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشكەن قۇللىرى، خىزمەتلىرىگە تەييار تۇرۇپتۇ، - دېدى سودىگەر ئامان قېلىش ئۈمىدىگە تولۇپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
شاۋكەت
ھەيۋەت، ئۇلۇغ، كۈچلۈك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
شان-شەرەپ، شۆھرەت؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك.