Uyghur←Chinese主要词典
شەرقىي ھىندۇنېزىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
东印度社会民主联盟
dōng yìn dù shè huì mín zhǔ lián méng
ھېندۇنېزىيە ۋە گوللاندىيىلىك ئىنقىلابىي زىيالىيلارنىڭ ھىندۇنېزىيە ئىشچىلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا ماركسزمنى تارقىتىدىغان سىياسىي تەشكىلاتى. 1914 - يىلى 5 - ئايدا گوللاندىيىلىك سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئادىمى سىنېۋلېت (كېيىن ئىسمىنى مارىڭغا ئۆزگەرتكەن)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن، سۇرا بايادا قۇرۇلغان. ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىشچى - دېھقانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، خەلقنى سوتسىيالىزم ئارقىلىق تەربىيلەش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش قاتارلىق سىياسىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغاقويغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، كەڭ ئىشچىلار ۋە باشقا مىھنەتكەش خەلقلەر ئارىسىدا ماركسزمنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، بولۇپمۇ <ئىسلام دىنى ئىتتىپاقى>ئىچىدەمىللىي بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پائال ئېلىپ بارغان. ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە ۋە كادىرلار جەھەتتە شەرت - شارائىت ھازىرلىغان. 1920 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېچىلغان. 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا نامىنى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان.