Uyghur主要词典
شەرھى ئەقائىد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) بۇ ئىلمىي تەۋھىدكە دائىر مەشھۇر ئەسەر، مۇئەللىپى ئېنىق ئەمەس. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەسىرى دېيىلىدۇ. ئەسەردە ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ئېتىقاد ئىكەنلىكى ئەقىدە شەكلىدە بايان قىلىنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نامدىكى ئەسەردىن ئۈچى بولۇپ، كېىينىكى ئۆلىمالار ئۇلارنى «1 - كىتاب»، «2 - كىتاب»، «3- كىتاب» دەپ ئايرىغان. يەنە بىرى، «ئەبۇ ھەنىفە ۋەسيەتلىرى» دېيىلگەن. بۇ تۆت كىتاب بىلەن ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىنىڭ «دىن ئىلمىنىڭ مەنبەسى» نى ئارېنت يان ۋېنسنىڭ «مۇسۇلمان ئەقىدىلىرى» نامىدا بىر توپلام قىلىدى. بۇنى 1932 - يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلدى. (2) خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسلام دىنىغا دائىر ئەسەر بولۇپ، كىتابنىڭ ئەسلىي ئىسمى«شەرھۇل ئەقائىد نەسەفىيە» بولۇپ، بۇنى سەلتۇددىن تەفتازانى يازغان، ماجيەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ مەدرىسە تەربىيىسىدە ئىلمىي تەۋھىد دەرسلىكى ھېسابلىنىدۇ. 1945 - يىلى كۇنمىڭدا نەشر قىلىنىدى.