Chinese→Uyghur主要词典
神圣罗马帝国
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى
ياۋروپادىكى فېئودال ئىمپېرىيە (962 - 1806). مىلادى 962-يىلى گېرمانىيە پادىشاھى ئوتتو Ⅰ رىمدا پاپانىڭ تاج كەيدۈرۈشى بىلەن ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. بۇ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغاندا گېرمانىيىدىن باشقا يەنە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمى، چېخ، بۇرگۇندى، نېدىرلاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانىنى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن كارلۇس ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسلىرى بېكىتكەن. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ، جەنۇبتا دائىم ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرسا، شەرقتە، ئېلبا دەرياسىدىن ئودېر دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پولابىسكى سلاۋىيانلارغا تەۋە زېمىننى خالىغانچە ئىشغال قىلىۋالغان. Ⅺ ئەسىردىن ⅡⅩ ئەسىرەىچە، كورۇل بىلەن رىم پاپاسى ئېپىسكوپنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى كەسكىن تالاشقان. ⅡⅪ ئەسىردىن باشلاو، كورۇل 7 نەپەر كورۇل سايلىغۇچى كىنەزلەر تەرىپىدىن سايلانغان. 1456-يىلى چارلېس Ⅳ <ئالتۇن تامغىلىق پەرمان> چۈشۈرۈپ، رەسمىي ئىمپېراتور بولۇپ ئېتىرپا قىلىنغان. پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق يەرلەردىن سىرت، ئىمپېرىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى باشقا خانلار، كىنەزلەر، مۇستەقىل ئىمپېرىيە رىتسارلىرى ۋە ئەركىن شەھەرلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقىمۇ قالمىغان. شۇڭا، ئىمپېرىيە قۇرۇق نامىلا بار سىياسىي بىرىكمىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ⅡⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىتالىيە ئەمەلىيەتتە ئىمپېرىيىدىنئايرىلىپ چىققان. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخرىدا شۋېتسارىيە مۇستەقىل بولغان؛ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 - 1648) تىن كېيىن، ئىمپېرىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارچىلىنىپ، يىمىرىلىشكە باشلىغان. 1860-يىلى 8-ئايدا، ناپولېئون Ⅰ كورۇل فرانىس Ⅱ نى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان، ئىمپېرىيە ئاخىرى يوقالغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
shén shèng luó mǎ dì guó
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى
神圣罗马帝国〉历史地名〉
shén shèng luó mǎ dì guó
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى